باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەينەن ئۆلكىسىدە ھەر بىر دېلونىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئىككى ئۆلچەملىك كود نومۇرى بار بولدى

2015.06.25 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يانفوننى ئېچىپ ئىككى ئۆلچەملىك كود تەسىۋىرىنى كۆچۈرسەك، دېلو ۋاقىتى، دېلو نومۇرى، باش سوتچى، سوتچى، ھۆكۈم چىقىرىلغان ۋاقت قاتارلىق ئۇچۇرلار شۇئان نامايەن بولىدۇ. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خەينەن ئۆلكىلىك ئۈچ دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ئاخىرلاشتۇرغان ھەر بىر دېلونىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئىككى ئۆلچەملىك كود نومۇرى بار بولدى، خۇددى كىملىك نومۇرىغا ئوخشاش دېلو ئۇچۇرى سوت قىلغۇچى بىلەن باغلىنىشلىق. ئىككى ئۆلچەملىك كود گەرچە بىر سۇڭ چوڭلۇقتا بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ ئەدىلىيەنىڭ ئادىللىقىغا بولغان ئۈمىدى لىق تولغان. ئەدىلىيەنىڭ ئاشكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىن دېلو تۇرۇغۇزۇپ تىزىملاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغۇچە، ئاندىن خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىغىچە، ئەدىلىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئامما بۇنىڭدىن بارغانسېرى كۆپ قاتنىشىش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى.

  ئەدىلىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، شاڭخەي، جىلىن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، گۈيجۇ، چىڭخەي تۇنجى تۈركۈمدە ئىسلاھات سىناق ئۆلكە شەھەرلىرى قىلىندى. شاڭخەيدە سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارى تۈزۈمىدە بۆسۈش بولدى، %33 شتات نىسبىتىدە سودىيە، تەپتىشلەرنىڭ كەسىپلىشىش، كەسىپلەشتۈرۈلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ خەينەندە ئەدىلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى پۇختا يولغا قويۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، «سوت قىلغۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم قىلغۇچى مەسئۇل بولۇش» ئاخىرى نەزەرىيە جەھەتتىن رېئاللىققا يۈزلەندى؛ شېنجىندا كەسپىي كاپالەت دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، مەمۇرىي دەرىجە ئاۋارىچىلىقى يوق بولغاچقا، سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارى كەسپ جەھەتتە ئىلگىرلەشكە ئىنتىلىدىغان بولدى. خۇبېيدا ئادەم ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىك ئاۋارىچىلاردىن قۇتۇلدى.

  يېقىندا، مەركەز يەنە سەنشى قاتارلىق 11 ئۆلكىنى 2- تۈركۈمدىكى ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى قىلدى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر