باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى

2015.06.23 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى، بېيجىڭ، 21- ئىيۇن تېلېگراممىسى. يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلارنى كۆرسىتىلىدى: دېھقان ئىشلەمچى، ئىستۇدېنت ۋە ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى ئارقىلىق يېزا، بازارلاردا تۈرلۈك كەسپلەر راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، كىرىم ئاشۇرۇلىدۇ، يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە يېزا قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ. بىر تۇتاش پىلانلاش كۈچەيتىلىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىگىلىك يارىتىش بايلىقى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۆلەش سىياسىتى ۋە ئىگىلىك يارىتىش مۇھىتى ياخشلىنىپ، دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇلۇپ، پۇقرالار ئىگىلىك يارىتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىغا سىڭدۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يىتىلدۈرۈش تېزلىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىق يېڭى كۈچ بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر