باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭبا پىڭسو: پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك

2015.06.25 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 - ئومۇمىي يىغىنى 23 – ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭبا پىڭسو سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى-پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىشىش ئەھۋالى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ئىگىلەش، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

  شياڭباپىڭسو ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دوكلاتى ۋە تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چەكلەۋاتقان ۋە بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇش ھەمدە ئۇنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رامكىسى ئىچىگە قويۇپ ئويلىنىش ۋە تەھلىل قىلىش، قانۇننى ئىزچىل يولغا قويۇش ئەھۋالىغا قارىتا ئوبيېكتىپ باھا بېرىپ، مەزمۇنى تەپسىلىي ئەھۋاللار، ئاساس بولغان تەھلىللەر، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەكلىپلەرنى بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر