- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سەنشيا سۇ ئامبىرىدا سۇ چېنى تۆۋەنلىدى
2015.06.25 14:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سەنشيا سۇ ئامبىرىنىڭ توسما ئالدىدىكى سۇ چېنى 21-ئىيۇن 145 مېتىرلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سۇ چېنى چېكى ئەتراپىغا چۈشتى. بۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى بولغان سەنشيا سۇ ئىنشائاتى تۈگىنىنىڭ سۇ چېنىدە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنىڭ ئاساسەن ئاياقلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شىتابى رەسمىي تارقاتقان «سەنشيا-گېجۇبا سۇ ئىنشائاتى تۈگىنىنىڭ 2015-يىللىق كەلكۈن مەزگىلىدىكى تەڭشەش باشقۇرۇش لايىھەسى توغرىسىدىكى تەستىق»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 31-ئاۋغۇستقىچە سەنشيا سۇ ئامبىرى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش تەلىپى سەۋەبىدىن كەلكۈن سۈيى يىغقاندىن باشقا چاغدا، سۇ چېنى پىرىنسىپ جەھەتتىن 145 مېتىرلىق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سۇ چېنى چېكى بويىچە كونترول قىلىنىدۇ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشەپ باشقۇرغاندا «سەنشيا سۇ ئامبىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەش لايىھەسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە 144.9 مېتىردىن 146.5 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا كونترول قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر