باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇ شاڭجى: ئېلىمىزدە ئۆسمۈر بالىلار گىزىت ژۇرناللىرى ئەڭ تېز تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى

2015.06.25 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شاڭجى 23-ئىيۇن ئېچىلغان مەملىكەتلىك مۇنەۋەر ئۆسمۈر-بالىلار گىزىت ژورناللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ئۆسمۈر بالىلار گىزىت ژۇرناللىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەڭ تېز بولغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئۆسمۈر-بالىلار گىزىت ژورناللىرىدا ساغلام، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان ئوقۇشلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۆسمۈر-بالىلار گىزىت ژورناللىرى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە جەمئىي 260خىلدىن ئارتۇق ئۆسمۈر-بالىلار گىزىت ژورنىلى بار بولۇپ، ئۇنىۋېرسال، ئەدەبىيات، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، كارتون قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2008-يىلدىن بۇيان، ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر بالىلارغا مۇنەۋەر ئۆسمۈر-بالىلار گىزىت ژورناللىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۈدا ئۆتكۈزگەن. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەستايىدىل باھالىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈر-بالىلارغا 60 خىل ئۆسمۈر-بالىلار گىزىت ژورناللىرى تونۇشتۇرۇلغان.

  «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر گېزىتى» نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ۋۇ جىڭلەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆسمۈر-بالىلار گىزىت ژورناللىرى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ مەڭگۈلۈك سىرداش ھەمراھى بولىشى كېرەك، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي مېلودىيىنى پائال ياڭرىتىپ، ئىجابىي كۈچ تارقىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر