باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتى 10 – ئىيۇلدىن باشلاپ سېتىلىدۇ

2015.06.24 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد: «جۇڭگو ئارزۇسى، رەڭدار يىپەك يولى» ئاساسىي تېمىسىدىكى 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 20 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە باشلىنىدۇ، 11 دۆلەت ۋە رايون شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ئالتە ئۆلكە، شەھەردىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى توققۇز ۋىلايەت ئوبلاستتىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى ئۈرۈمچى، قاراماي، ئاقسۇدا ھەرمىللەت خەلقىگە 78 مەيدان ئۆزگىچە سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا 65 مەيدان ئويۇن قويۇلىدىغان بولۇپ، 46 مىڭ يۈرۈش بېلەت سېتىلىدۇ.

  4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى 24 – ئىيۇن شىنجاڭ خەلق تىياتىرىدا بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتىنى سېتىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدىن ئىگىلىشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك بايرامدا تەشكىلىي كومىتېت «مەدەنىيەتتە ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش» پىرىنسىپى بويىچە تۆۋەن باھادا بېلەت سېتىش، ھەقسىز سوۋغا قىلىش، مەخسۇس مەيدان ئويۇن قويۇپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئويۇن بېلىتىنى ساتىدىكەن ياكى تارقىتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاممىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئەڭ نادىر مىللىي ئۇسسۇل سەنئىتىدىن ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مول نەتىجىلەردىن بەھىرلەندۈرىدىكەن. بېلەت باھاسى A بېلەتنىڭ باھاسى 260 يۈەن دىن 200 يۈەنگىچە، B بېلەتنىڭ باھاسى 120 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە، C بېلەتنىڭ باھاسى 80 يۈەن بولىدىكەن. كوللېكتىپ بېلەت ھازىردىن باشلاپ تىزىملىنىپ سېتىلىدىكەن، ئۆز ئالدىغا سېتىۋېلىنىدىغان بېلەت 10 – ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر