باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى «مۇنەۋۋەر كەنت دەرىجىلىك پارتىيە ياچېيكىسى»گە ئايلاندى

2015.06.24 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيە ياقېرىق بازىرىنىڭ ئاقبۇلۇڭ كەنت پاراتىيە ياچېيكىسى ئىلگىرى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق چىگرا پىريۇم كارانتىن ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىدا زور ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ كەنت ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئارقىدا قالغان دىگەن قاپلپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېقىندا ناھىيە تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر كەنت دەرىجىلىك پارتىيە ياچېيكىسى» دەپ تەقدىرلەندى.

  بۇ كەنتتىكى 21 ئائىللىك دېھقان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملىغىلى گەرچە ئۈچ يىل بولغان بولسىمۇ ئىزچىل تۈردە توك يوق بولۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ مەسىلىمۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ىىزمەت ئەترىتى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە بۇ مەسىلىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى. يوللار رىمنوت قىلىندى. 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنتكە تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر نورمال ئېلىپ بېرىلىپ، مەنىۋى مەدەنىيەت جانلاندى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىر تەرەپتىن كەنتتىكى ئاممىغا ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن كەنت ئىككى كومتىتىنى يېتەكلەپ، ئۆزى چارە ئىزدەپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بىرىپ، ئىككى كومتىتنىڭ ئويۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مۇستەھكەم قورغاننى قۇرۇپ چىقتى. بۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئاقبۇلۇڭ كەنتى ئارقىدا قالغان كەنت ئەمەس، بەلكى ناھىيە بويىچە ئىلغار بولغان مۇنەۋۋەر پاراتىيە ياچېيكىسىگە ئۆزگەردى. كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى ئۆزگۈرۈپلا قالماستىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ تەسىرىدە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر