باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چەرچەننىڭ قاشتېشى ئىزلەش ساياھىتى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى(1)

2015.06.25 10:08   مەنبە: خەلق تورى

چەرچەننىڭ قاشتېشى ئىزلەش ساياھىتى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى(1)

چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز خەۋىرى؛ فوتوسى: چەرچەن ناھىيەسى ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ قاشتېشى ئىزلەش ساياھەتچىلىك لىنىيىسىنى ئاچتى. قاشتېشى سەپىرى ساياھەتچىلىك لىنىيسىنى ئېچىشقا چەرچەن ناھىيەلىك كانلىق كانچىلىك چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولغان ساياھەت لىنىيەسى، ئاساسلىقى بۇ شىركەتكە تەۋە يانبۇلاق قاشتېشى كېنى ساياھەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يانبۇلاق قاشتېشى كېنى تۇرا چارۋىچىلىق فېرمىسىدا بولۇپ چەرچەن ناھىيەسىگە 170 كىلومېتىر ،دېڭىز يۈزىدىن 4200مىتىر ئىگىزلىككە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىدىن 4 سائەتتە يىتىپ بارغىلى بولىدۇ. چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى ئىزلەش سەپىرى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى ئەسلى ساپ ئېكولوگىيەنى ئىزلەش بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ ئالتۇن تاغ تىزمىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، چەرچەن دەرياسى ئېقىنىنى تاماشا قىلىپ، يانبۇلاق قاشتېشى كېنىغا بارغىلى بارىدۇ.بۇ لىنىيىدە مېڭىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەر سەپەر جەريانىدا قاشتېشى ئىزلەش يوللىرىنىڭ ناھايىتى جاپالىق ،مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. كاندا ساياھەتچىلەر قاشتېشىنىڭ تومۇرىدىكى ئەينى ھالىتى ۋە قېزىش جەريانىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا كۆرەلەيدۇ .بۇ لىنىيە ساياھەتچىلەرنى بىر قېتىملىق ئىكىسپىدىتسىيە بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھەتچىلىكىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ چەرچەن ناھىيەسىگە ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە بۇ لىنىيە رەسمى ئېچىۋېتىلىپ، 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ساياھەتچى قاشتېشى ئىزلەش ساياھىتىگە قاتنىشىپ قاشتېشىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەينەن كۆردى.


【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…