چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز، نىزام ئۆمەرلەر خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 24-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئوييايلاق بازىرىدا 38-تۇەننىڭ تەشكىللىشىدە دېھقان چارۋىچىلار مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە 38-تۇەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، ئوييايلاق بازىرىدىكى دېھقان چارۋىچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەر-ئاياللار ئارقان تارتىشىش، ئىككى كىشى بىر بولۇپ پۇتىنى باغلاپ يۈگرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيىتتى. پائالىيەتكە ئوييايلاق بازىرىدا ۋە بىڭتۇەندىن بولۇپ 300دەك ئادەم قاتناشتى.