باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ما شاۋگۇاڭ: خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ

2015.06.25 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شاۋگۇاڭ 24-ئىيۇن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، تەيۋەن خەلقى، ھەر ساھەدىكى زاتلار شۇنداقلا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ئۇ مۇنداق دېدى : گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى كۆپ قېتىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى، مەيلى دۈشمەن ئارقا سېپىدە بولسۇن ياكى ئالدىنقى سەپ جەڭ مەيدانىدا بولسۇن ھەممىسى مۇھىم رول ئوينىدى. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىرلىكتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى بىرلىكتە خاتىرلەيدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئىنقىلاۋى قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش نەتىجىلىرىنى قوغداپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر