باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى: 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا « مېھمان رىياسەتچى»تەسىس قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ

2015.06.23 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ 22-ئىيۇن دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات رادىئو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، رادىئو - تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا « مېھمان رىياسەتچى»قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئۇقتۇرۇش 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمى ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىندى: رىياسەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىش باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئاخبارات، ئوبزور ۋە زىيارەت تۈرىدىكى پروگرامىدا قوشۇمچە رىياسەتچى تەسىس قىلىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا رىياسەتچىلىك ئورۇننى تەسىس قىلىش يول قويۇلمايدۇ؛ رادىئو ، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى رىياسەتچى ۋە مېھماننىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، رىياسەتچى پروگراممىنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا ئۇلاش، يېتەكلەش، تىزگىنلەش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك، « مېھمان رىياسەتچى»تەسىس قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، مېھمان رىياسەتچىنىڭ رولىنى ئورۇندىسا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: رىياسەتچىنىڭ ۋەزىپىسى، ئۇچۇر باشقۇرۇشنى، رىياسەتچى ۋە مېھمانلارنىڭ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، رىياسەتچى باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر