باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ 17-تۈركۈمدىكى لىبېرىيە تىنچلىق ساقلاش 2-ئەترىتى لىبېرىيىگە باردى

2014.12.01 00:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ 17-تۈركۈمدىكى لىبېرىيەدىكى تىنچلىق ساقلاش 2-ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى 28-نويابىر مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن لىبېرىيىگە بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. بۇ ئەترەتتە 268 كىشى بولۇپ 11-ئاينىڭ 18-كۈنى يولغا چىققان.

  17-تۈركۈمدىكى لىبېرىيەدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى بېيجىڭ ھەربىي رايونىدىن تەشكىللەندى، جەمئىي 558 ھەربىي بار. 17-تۈركۈمدىكى لىبېرىيەدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى لىبېرىيىدە سەككىز ئاي تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتەيدۇ. قۇرۇلۇش قىسمىنىڭ قىسمەن ئەترىتى يول ،كۆۋرۈك، ئاكوپ ياسايدۇ؛ ئۆي ، ئايرودرومنى رېمونت قىلىدۇ؛ سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى ياساش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. تىرانسىپورت تارماق ئەترىتى خادىم ۋە ماددىي ئەشيا توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. داۋالاش تارماق ئەترىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئۆلچىمى بويىچە تەقسىملىنىپ، يارىلانغانلار ،كېسەللەرنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ئارقا سەپكە يەتكۈزۈش ۋە سەھىيە كېسەلنىڭ ئالىنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر