باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز غەربكە ئاچقان 2-ئالتۇن يولدا قوش لىنىيەدە مال توشۇلىدۇ

2014.11.30 23:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز غەربكە ئاچقان 2-ئالتۇن يول بولغان قورغاس تۆمۈريولى چېگرا ئېغىزى ۋوگزالى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، نۆۋەتتە ھەقىقىي ئەھمىيىتى جەھەتتىن قوش لىنىيەدە مال توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  قورغاس چېگرىدىن كىرىپ چىقىشنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئىدارىسى تۆمۈريول ۋوگزالى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىشنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر كۈنى تۆتتىن بەشكىچە پويىز قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قاتنايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پاختا، تۆمۈر توپىسى، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئەشيالىرىمۇ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىگە كىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن قورغاس تۆمۈريولى چېگرا ئېغىزى ۋوگزالىدا قوش لىنىيەدە مال توشۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  قورغاس تۆمۈريولى چېگرا ئېغىزى ۋوگزالى-جۇڭگو-قازاقىستان ئالاتاۋ ئېغىزى تۆمۈريول لىنىيەسىدىن كېيىن، ئېلىمىز غەربكە ئاچقان 2-خەلقئارا تۆمۈريول لىنىيەسى شۇنداقلا ئېلىمىز غەربكە ئاچقان يەنە بىر ئالتۇن يول ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر