باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تورغا قېتىلىش نىسبىتى%74 يەتتى

2014.11.30 23:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان 2014-يىللىق ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنىدا، مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ليۇ لىمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 59 مىڭ تۈر ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا شىزاڭ قاتارلىق چەت يىراق رايونلاردىكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىن باشقا، قالغان رايونلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىشچان ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى چەت يىراق ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا ئوقۇتقۇچىلار كەم ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى ئاز بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى شىفىرلىق مائارىپ بايلىقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش تۈرىنى باشلىدى. ليۇ لىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى شىفىرلىق مائارىپ بايلىقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش تۈرى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئېلېكترونلۇق دەرسخانا تەسىس قىلىنىپ، قىسمەن چەت يىراق رايونلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئاساسى دەرسلىكنى تەسىس قىلالماسلىق ئەھۋالى ياخشىلاندى. ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش بىلەن ھەل قىلىندى. ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىمۇ بارغانسېرى بېيىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر