باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇديەندىكى يەر تەۋرەشتە قىسمەن ناھىيەلەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىدى

2014.12.01 00:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈننەن ئۆلكىلىك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىز قوغلاپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق لۇديەن3-ئاۋغۇستتىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇلى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى قوبۇل قىلىش، تەقسىملەش، ئاجرىتىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئايرىم ناھىيەلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىللىك تۇرمۇش تولۇقلىمىسىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى، قىسمەن ئورۇنلارنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ۋە قىسمەن يېزا بازارلارنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىدا تارقاتمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بايقالدى. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يېزا بازارلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتتى.

  ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى بايقالغان مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا دەرھال دوكلات قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇش نامىدىن سەككىزنى چىقىرىپ، تۈزىتىش تەلىپى ۋە مۆھلىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئىقتىسادىي تەپتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يېزا بازارلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ پائال تۈزەتتى. ئالاقىدار ئورۇنلار ئىگىلىۋالغان جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى تەلەپ بويىچە قايتۇرۇۋالدى ۋە تەڭشىدى. قىسمەن يېزا بازارلار قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەلەپ بويىچە تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر