باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ئون ئايدا شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بىلەن بولغان سودا مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى

2014.11.30 23:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى 28-نويابىر جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بىلەن بولغان سودا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى.مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ سودا سوممىسى 296 مىليارد 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئازىيىپ، ئىچكى جايلارنىڭ سىرتقا بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8.4 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى جايلارنىڭ شياڭگاڭغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسى 286 مىليارد 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئازايغان. شياڭگاڭ يەنىلا ئىچكى جايلارنىڭ 4-چوڭ سودا شېرىكى ھەم 3-چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولغان.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئىچكى جايلار بىلەن ئاۋمېننىڭ سودا سوممىسى ئىككى مىليارد 980 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئىككى قىرغاقنىڭ سودا سوممىسى 162 مىليارد 750 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئازىيىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ سىرتقا بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %4.6 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە قىلغان ئېكسپورت سوممىسى 38 مىليارد 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشقان؛ تەيۋەندىن قىلىنغان ئىمپورت سوممىسى 124 مىليارد 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئازايغان. تەيۋەن يەنىلا چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ 7-چوڭ سودا شېرىكى ھەم 6-چوڭ ئىمپورت مەنبەسى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر