باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرىدىن تەيۋەنگە ساياھەتكە بارىدىغانلار كۆپەيدى

2014.12.01 00:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى ساياھەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2008-يىلى 7-ئايدا چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرىنىڭ تەيۋەنگە ساياھەتكە بېرىشى رەسمىي ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىككى تەرەپلىك ساياھىتى سىجىل جانلانغان. بۇ يىل 11-ئايغىچە چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرى تەيۋەنگە ئۆمەك بولۇپ 8 مىليون 298 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتكە چىققان، يەككە ساياھەتكە چىققانلار بىر مىليون 722 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. ئۇندىن باشقا ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ كۆپلىگەن ئەربابلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەنگە ساياھەتكە بارغان چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرى ئىلگىرىكى يۈزەكى ساياھەت قىلىشتىن ئۆزى بىلىشتىن ئىبارەت سۈپەتلىك ساياھەت قىلىشقا باشلىدى.

  تەيۋەنگە يەككە ساياھەتكە بېرىش ئىشلىرىنىڭ جانلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن ئادەم سانى تېخىمۇ جىددىيلەشتى. جايلاردىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر 12-ئايلىق ئۆمەك ئاساسىي جەھەتتىن توشۇپ بولدى. كېلەر يىلى 1-ئايدىكى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىمۇ ئىنتايىن قىس، تەيۋەنگە ساياھەتكە بېرىشتا ئاز دېگەندە 45 كۈن بۇرۇن تىزىملىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر