باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي ئۆلكىسى ئۇدا بەش يىل مالىيىنىڭ %70 نى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتتى

2014.12.01 00:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى كىچىك، مالىيە ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاز مالىيە بىلەن چوڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى قىلىپ، ئۇدا بەش يىلدا مالىيە چىقىمىنىڭ %70 نى خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا ئىشلەتتى؛ ئۆتكەن يىلى 94 مىليارد 600 مىليون يۈەن كۆپەيتتى، بۇ مالىيە چىقىمىنىڭ %75.6 نى ئىگىلەيدۇ.

  يېقىندا نەنجىڭ شەھىرىدىن شىنىڭ شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەن يې ئەپەندى ئۈندىداردا بىر نەچچە سۈرئەتنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا مەن كۆرگەن ئەڭ ئاددىي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى دەپ ئىسىم قويغان ئىدى. سۈرئەتتىكى بىنا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى سېلىنىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلىۋاتقان چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم ، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشخانا بىناسى ئىدى. يې ئەپەندى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىناسىنىڭ ھازىر يەنىلا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋاقتىدا سېلىنغان كۆچمە ئۆيدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

  چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاددىي ساددا ئىش كۆرۈپ، ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ راسخوتىدىن %5 نى قىسىپ، 21 مىليون 750 مىڭ يۈەننى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتتى.

  گەرچە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،مالىيە كىرىمى تارىيىش بېسىمىغا يولۇققان بولسىمۇ، يەنىلا مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى. ھەر بىر كىشىنىڭ يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش پۇلىنى ئېيىغا 25 يۈەن ئۆستۈرۈپ، 110 يۈەنگە يەتكۈزدى. ھازىر چىڭخەي ئۆلكىسى بۇ ئىككى تۈردە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىما ئۆلچىمى ھازىر شىزاڭنىڭ ئارقىسىدىلا تۇرىدۇ. باشقا ئۆلكىلەردىن يۇقىرى. شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسى ئۈزۈكسىز تىز بولماقتا. پۈتۈن ئۆلكىدىكى 700 مىڭدىن كۆپرەك دېھقان چارۋىچى چېدىر ، كەپىلىك ئۆيلەر بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ تۇرمۇشىدا ھالقىما شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى.

  بۇ يىل چىڭخەي ئۆلكىسى ئالدى بىلەن 200 مىليون يۈەننى خېيىم خەتەر تولۇقلىمىسى ئۇچۇن ئاجرىتىپ، ئوتتۇرا كىچىك مىكرو كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك يارىتىش قەرز پۇلى قاتارلىقلار پەيدا قىلغان قەرز پۇل زىيىنىغا تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلەتتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسى مالىيە پۇل مۇئامىلە بىرلەشمە ئىنكاس قايتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپنى يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك يارىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلدىن 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر