باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز بۇ يىل 72 دۆلەت تېخنىكا يېڭىلاش كارخانىسىنى بېكىتتى

2014.11.30 23:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئۆزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئىككى دەرىجىلىك بېكىتىش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. بۇ يىل جەمئىي 72 دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى بېكىتىلدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 2011-يىلىدىن تارتىپ مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ يىل جەمئىي 72 كارخانىنى بېكىتتى. ھازىرغىچە، بېكىتىلگەن دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى 283 كە يەتتى. بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرى بىر قىسىم ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە، يەنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىقتىدارى گەۋدىلىك، سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

  نۆۋەتتە، خېبېي، چۇڭچىڭ، گەنسۇ قاتارلىق 11 جاي ئۆز رايونىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىنى باشلىدى، بېيجىڭ، جياڭسۇ، خۇنەن قاتارلىق جايلار باشقۇرۇش چارىسىنى تەتقىق قىلىش تۈزۈشكە كىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنى ئىككى دەرىجىلىك بېكىتىش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر