باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ

2014.11.30 23:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەن چىقارغان «نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت دەسمايىسى بىلەن مەبلەغ سېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، باھا ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن مائارىپ ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېتەكچى پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سېلىش، شېرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش، بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش، ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت، ھۆكۈمەت پۇقراۋى كارخانا قۇرۇش، پۇقراۋى كارخانا ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جەمئىيەت دەسمايىسىنىڭ مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، تەنتەربىيە، چېنىقىش، مەدەنىيەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ ھەم ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش، پۇقراۋى مائارىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى تېزدىن چىقىرىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى تىجارەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، پايدا ئالمايدىغان مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، تەنتەربىيە، چېنىقىش، مەدەنىيەت ئورگانلىرىغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ؛ ئىجتىمائىي ئىشلاردىكى باھا باشقۇرۇش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇقراۋى مائارىپ، داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ توك، سۇ، گاز، پار ئىشلىتىشى جەھەتتە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ، داۋالاش ئورگانلىرىغا ئوخشاش باھا سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر