باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈنشەندە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋەقەسى دەپ بېكىتىلدى

2014.08.05 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭسۇ كۈنشەن جوڭروڭ مېتال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ دوڭلياڭ 4-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەقەدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ۋە دەسلەپكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىلار مەسىلىلەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى ئۇزۇن مەزگىل ھەل قىلمىغان؛ چاڭ توزانلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ ، ئوت بىلەن ئۇچرىشىپ پارتلاشنى پەيدا قىلغان . بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋەقەسى.

  ياڭ دوڭلياڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ۋەقە پەيدا قىلغان ئامىللارنى كۆرسەتتى. ياڭ دوڭلياڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەقەگە جاۋابكار ئورۇن جوڭروڭ مېتال بۇيۇملىرى شىركىتى، ئاساسلىق جاۋابكار قانۇنى ئىگە، باش مۇدىر ۋۇ جىتاۋ قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇللار. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن.

  ياڭ دوڭلياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە تىزلىتىپ،كارخانىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر