باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ فۇجيەندە ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى

2014.08.04 08:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە ، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇ جيەنگە بېرىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ۋە ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىگە ۋاكالىتەن ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر جەڭچىلىرى، قۇراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى ۋەزىپە ئالدىدا ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ۋە ھەربىي ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇرچنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش لازىم. شى جىنپىڭ فۇ جيەندە 17 يىل خىزمەت قىلىپ، دۆلەت موداپىئىسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ئۇزۇن مەزگىل كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان؛ ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە باشتىن ئاخىر ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. شى جىنپىڭ فۇجيەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، فۇجيەندە تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئىزچىل ئويلاپ تۇردى. 30-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك ھەربىي رايون قوماندانلىق بىناسىغا بېرىپ، فۇجۇدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى دىۋىزىيىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن كۆرۈشتى ، ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرئەتكە چۈشتى. ئارقىدىن مۇھىم سۆز قىلىپ فۇجيەندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈچلۈك ئارمىيە روھىنى تاۋلاپ، پارتىيىنىڭ ئارمىيىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇپ،فۇجيەندىكى ئىنقىلابى كونا ئازاد رايونلاردىكى قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، قىزىل ئەنئەنىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم. قىلچە تەۋرەنمەستىن پارتىيىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. ئەمەلىي ئۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، قىسىملارنى قاتتىق چېنىقتۇرۇپ، دادىللىق بىلەن غەلبە قىلىش جەڭگىۋارلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، چاقىرغان ھامان ھازىر بولۇش، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ توغرا ئىستىل بەرپا قىلىپ، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇتۇپ، تۆت ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىش، چىرىكلىكنى جازالاشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش ،خەلق ئارمىيىسىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى باشتىن ئاخىر ساقلاش لازىم. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت خەلق بىلەن ئارمىيە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىشتىن ئىبارەت دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يېزىش لازىم.شى جىنپىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئىلگىرى سۈردى.


  1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئورتاق بايرىمى مەزگىلىدە شى جىنپىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردىن كەلگەن 11 ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى ۋەكىلىنى زاپاس ئەسكەر توپچىلار دىۋىزىيىسى ئورگىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، دۆلەت موداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئۇزۇن مەزگىل كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان يولداشلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى بىرلىكتە ئەسلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش-ئائىلە تاۋاپىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش،ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش-خەلقنى سۆيۈش پارتىيىمىزنىڭ ئارمىيىمىزنىڭ ئالاھىدە سىياسىي ئەۋزەللىكى؛ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت بولغان ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتى بارلىق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز، غەلىبىسىېرى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى مۇھىم ئەنگۈشتەر. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە بارلىق خەلق ئاممىسى قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى قىلىپ، قىسىملار ئۈچۈن ياخشى ئىش ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش لازىم. قىسىمدىكى يولداشلار خەلقنى تۇغقانلىرىدەك، قىسىم تۇرۇشلۇق جاينى ئۆز يۇرتىدەك كۆرۈشى؛ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىنى پال قوللىشى ۋە قاتنىشىشى لازىم. ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئۈنۈملۈك چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى،كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر