باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇ يىل 4 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق كەپە ئۆيلەرنىڭ ئۆزگەرتىپ سېلىندىغانلىقى ۋە ئۆزگەرتىپ سېلىش نىشانىنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىدىغانلىقى كۆرسەتتى

2014.08.05 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاۋغۇست، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار ۋە ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنىڭ خىزمەت سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، 2014-يىللىق نىشان ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداش ھەمدە 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمەت پىلانىنى ئالدىن تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۇنجى قېتىم ئورتاق ئىگىدارلىق ھوقۇقى تۈزۈمى سىناق قىلىندى

   بۇلتۇر 7-ئايدا «گوۋۇيۈەننىڭ كەپىلىكلەرنى تېز ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكرى» تارقىتىلغاندىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. 2013-يىلى كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە 3 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ھەرخىل كەپە ئۆي ئۆزگەرتىپ سېلىندى، 2014-يىلى 4 مىليون 700 دىن ئارتۇق كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانلاندى. بىراق، نۆۋەتتىكى كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئەھۋالى بىلەن شەھەر-بازارلاردىكى تەخمىنەن 100 مىليوندەك ئادەم ئولتۇرۇۋاتقان كەپىلىك ۋە شەھەر كەنتلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تەلىپىنى سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىر قەدەر زور پەرق بار؛ كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتا پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش نامۇۋاپىق بولۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يېتىشەلمەسلىك، تۈرنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق خىزمەت سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر