باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى مۇھىت ئېكېئولوگىيەسىنى ياخشىلىدى

2014.08.04 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكېئولوگىيە ئارقىلىق ناھىيەنى روناق تاپقۇزۇش» قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكېئولوگىيە ئارقىلىق ناھىيەنى روناق تاپقۇزۇش قارىشىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئېكېئولوگىيىسىنى تىرىشىپ ياخشىلىدى.


  بۇ ناھىيە سۈرئەت، سۈپەت، ئۈنۈمنى ئورگانىك بىرلەشتۈرلەشتۈرۈپ، بوستانلىق، ئېتىز-ئېرىق، ئىھاتە ئورمان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، بوز يەر ئېچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ئاستى سۈيى قېزىشنى قاتتىق چەكلەپ، كان ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. كىم ئاچسا شۇ قوغداش، كىم مەنپەئەتلەنسە شۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش پرىنسىپى ئاساسىدا، ئېكېئولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، كۈندىلىك كۈزىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئاتموسفېراسىنى ياخشىلاپ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، پاسكىنا سۇلارنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇۇردى. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپلەرنىڭ كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، بۇلغىنىشى ئېغىر، سەرپىياتى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن كەسىپلەرنىڭ كىرىشىنى قەتئىي چەكلىدى. تەبىئىي ئورمان بايلىقىنى قوغداش، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئۆتۈشمە يول، قاتناش لىنىيەسى، كەنت بازىرى، زاۋۇت، كان رايونى، شەھەر ئايلانما يولى، شەھەردىكى «ئالتە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى»، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيى، سۇ مەنبەسىنى قوغداش،،يېزىلاردىكى تۇرمۇشتىكى كېرەكسىز سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى بۇلغىنىشنى تۈزەش، تارىختىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان زاۋۇت-كان بۇلغانمىلىرىنى تۈزەش، يېزا ئىگىلىكىدىكى بۇلغانمىلار ۋە تۇپىراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقىچە كەنت مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، كۆپ قاتلاملىق، شەھەر يېزا بىر گەۋدىلەشكەن ئېكېئولوگىيە توسىقى بەرپا قىلدى. 2012-يىلى بۇ ناھىيە يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئۇدا بۆلەكلىك تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرستىىش تۈرىدىن 4 نى قولغا كەلتۈرۈپ، 7 مىليون 260 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ئوچا بازىرى ، ئالاقاغۇ بازىرى ، چىمەن بازىرى ۋە دۆڭقوتان بازىرىغا قاراشلىق 11 كەنتتە بۇ تۈرنى يولغا قويۇپ، 6561 ئائىلىدىكى 27 مىڭ 728 ئادەمنى پاكىز مۇھىت شارائىتىدىن بەھرىمان قىلدى.


  ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ناھىيە توك، كۆمۈر گازى، تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دۆلەت ئېلېكتر گۇرۇھىنىڭ 2-قارارلىق ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدى، پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، كىچىك شەھەر ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىدا ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتى. ساھە، كەسىپلەرنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقى زورايتىلىپ، ئېنېرگىيە كەسپى ۋە قالاق تېخنولوگىيەنى ئۆزگەرتىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، بۇلغانمىنى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلىدى.


  (مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)


  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر