باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ رىقابەت ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

2014.08.04 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 8-ئايدىن باشلاپ رەسمىي يازلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە كىردى. بۇندىن بۇرۇن، دۆلەت مەجلىسى مۇنداق بىر چوڭ ئىشنى تاماملىدى: ئاۋام پارلامېنتى 30-ئىيۇل 225 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى، 201 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ئارقىلىق قارار ماقۇللاپ، پارلامېنت باشلىقى بونېرغا زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ تېببىي ئىسلاھات قانۇنى لايىھەسىنى يولغا قويغاندا مەمۇرىي ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ھوقۇقىنى بەردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 11-ئايدىكى ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ رىقابىتىمۇ كۈنسىېرى ئەۋجىگە چىقتى، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بونېرنىڭ ئوبامانى ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتىكى ھەقىقىي مۇدداسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قوللىغۇچىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. يەنە ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ئامىلىدىن سىرت، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەيدان جەھەتتىن ئىككى قۇتۇپلىشىشىمۇ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. بونېر ئىلگىرى كۆپلىگەن سورۇنلاردا زۇڭتۇڭنى ئەرز قىلىش بىر پارتىيەنىڭ شەخسىي پىكرى ئەمەس، بەلكى ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. قارار لايىھەسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى، ئاۋام پارلامېنتى قانۇن-نىزام كومىتېتىنىڭ رەئىسى سارسونس زۇڭتۇڭ ئوباما «بەكلاچەتنەپ كەتتى»، ئاساسىي قانۇننىڭ تەلىپىگە سەل قاراپ، قانۇننى تاللاپ ئىجرا قىلدى، دېدى. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئاۋام پارلامېنتىنىڭ ئاز سانلىق پارتىيە رەھھبىرى پېلوسى تەنقىدلەپ، بۇ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ۋاقتى ۋە پۇلىنى ئىسراپ قىلغانلىق، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كونسېرۋاتىپ سايلىغۇچىلارنىڭ رايىغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە دەلىلى، دېدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر