خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئونسۇ ناھىيەسىدە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ھەرقايسى ئىدارە-ئورۇن، يېزا-بازار، مەيدانلار «زامانىۋى مەدەنىيەت ياشلار ئارىسىدا» باش تېمىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش، كەشتىچىلىك بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، سۇمبۇل چاچلار مۇسابىقىسى، ئارقان تارتىشىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چاغراق يېزا سۇياقىسى كەنتىدىكى ئاياللار سۇمبۇل چاچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل لاتاپىتىنى نامايەن قىلماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى