چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بارلىق قىسىملىرى غەززە رايونىدىن چېكىنىپ چىققان .
ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس مىسىر ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلىپ، 5-ئاۋغۇستتىن باشلاپ 72 سائەت ئۇرۇش توختاتقان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 5-ئاۋغۇست، ئىسرائىلىيە - پەلەستىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلى باشلىنىشتىن بۇرۇن غەززەدىن ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پودپولكوۋنىكىPeter Lerner، ئەسكەر چېكىندۈرۈش شۇ يەر ۋاقتى 5- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دە تاماملىنىدۇ ، دېگەن.
5- ئاۋغۇست، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا قوزغىغان ‹‹ تىغ قوغداش ھەرىكىتى ›› 28-كۈنىگە قەدەم قويدى. پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرى مۇنداق دېگەن: توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان ، جەمئىي 1822 پەلەستىنلىك قازا قىلدى ، 9370 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە تەرەپتىن 67 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 64 ى ئەسكەرلەر بولۇپ ، قالغانلىرى ئىككى پۇقرا ۋە بىر تايلاندلىق ئىشچى ئىكەن .