خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا توردا ، مىكرو بىلوگى «阿努120» بۇلغان ئويغۇر قىزى توردا قۇيۇق قۇمۇل مەدەنىيىتى بولغان كەشتە ئەسىرىنى چىقاردى، بۇ كەشتە ئەسەرلىرى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
تۇنۇشتۇرۇلۇشچە، رەسىمدىكى كەشتىلىك ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ قۇلىدا پۈتكەن، ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە ھەرخىل ياستۇق قېپى،يوتقان قېپى، تېلفون قېپى، پەشتامبال قاتارلىقلار بار ئىكەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئۆزگىچە سەنئەت ۋە مىللىي پۇراققا تولدۇرغان.
ئىگىلىنىشچە، كەشتىچىلىك ھۆنىرى قۇمۇل يېزىلىرىدا بىر قەدەر كۆلەم دائىرىسى بار، ھەم شۇيەردىكى ئاياللارنىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ بىر تۈرى بوپقالغان. تورداش ئانۇ 120 بىلدۇرۇشچە ئۇ قۇمۇلنىڭ كەشتىچىلىكى بىلەن ئانا يۇرتى قۇمۇلغا، ۋە مىللىي قول ھۈنەرچىلىكىگە جارچى بولماقچى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى