باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەل قەلبىنى ئىللىتقان خىزمەت گورۇپپىسى

2014.08.06 12:00   مەنبە: خەلق تورى

ئەل قەلبىنى ئىللىتقان خىزمەت گورۇپپىسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېزىزجان زىيادىن،مېھرىگۈل سەمەتلەر خەۋىرى، فوتوسى: قاغىلىق ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدىن تۆگىچى يېزىسى ئوتتۇرا كۇمبا كەنتىگە چۈشكەن «ئەل رايىنى ئىگەللەش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» خىزمەت گورۇپپىسدىكى خادىملار بۇ يىل 3–ئايدىن بۇيان دېھقانلارغا بىرنەچچە تۈرلۈك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئەلنىڭ قەلبىنى ئىللىتى.خىزمەت گورۇپپىسدىكى خادىملار ئالدى بىلەن كەڭ ئاممىغا پارتىيەنىڭ يېزىلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا، بۇ كەنتنىڭ نوپۇسى كۆپ،تىرىلغۇ يېرى ئاز، نامرات ئائىلە كۆپ ،ئىشسىزلار كۆپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇشتەك بىرقاتار مەسىلىلەرنى ئىگىلەپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىپ، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئائىلىسدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۇرمۇشىدا قېيىنچىلقى بار ئىش كۇتۇپ تۇرغان 32 ياشنى يېزا تەۋەسىدىكى ئۆي سېلىش، ئۆي بېزەش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن يول ئېچىپ بەردى. يەنە12 ئائىلىنىڭ17 پەرزەنتىنى ناھىيە بازىرىدىكى قۇرۇلۇش كارخانىلىرى، ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى، ئىشىك-دەرىزە ياساش كارخانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ كەنتتىكى تۇرمۇش قىيىنچىلقى ئىنتايىن ئېغىر تۇرۇپمۇ ئىككى پەرزەنتىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتقان ھەبىبۇللا ساۋۇرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن چېكىندۇرمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، 4-ئاۋغۇست كۈنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ، كەنت كادىرلىرى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار 100 يۇەندىن، كەنت ئاممىسى 10 يۇەندىن100 يۇەنگىچە بولۇپ جەمئىي 3300 يۇەن ئىئانە توپلاپ، بۇ ئىككى سىتۇدېنتنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم بەردى.

  سۇرەتلەردە : ئىئانە پائالىيىتىدىن كۆرۇنۇشلەر.

  مۇخبىر: قاغىلىق ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…
      ·بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبۇل…
      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى