باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۇنشەن «2-ئاۋغۇست» پەۋقۇلئاددە زور پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان ئوت مەنبەسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى

2014.08.05 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاۋغۇست كۇنشەن شەھىرى جۇڭرۇڭ مېتال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە پارتلاش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە 75 ئادەم قازا قىلىپ، 180 نەچچە ئادەم يارىلاندى. ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىىڭ باشلىقى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ دۇڭلياڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كارخانا چاڭ-توزىڭىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تەكشۈرۈپ دەلىللەندى، ئوتنىڭ قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، نۆۋەتتە پارتلاش سەۋەبى ئاساسەن ئېلېكتىر ئۇسكۈنىلىرىنىڭ قىسقا سىم يولىدا سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان ئوت يالقۇنى، چاڭ-توزاڭ تۇرۇبىسىغا كىرگەن سۇنىڭ ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رىياكسىيەسى تەسىرىدىن پەيدا بولغان ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى قاتارلىق ئامىللارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، پارتلاش نۇقتىسىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر