باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لى بىن ماۋرىتانىيە زوڭلىسى لاغداف بىلەن كۆرۈشتى

2014.08.06 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن4 -ئاۋغۇست ماۋرىتانىيە زۇڭلى مەھكىمىسىدە ماۋرىتانىيە زوڭلىسى لاغداف بىلەن كۆرۈشتى. لاغداف ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتوڭ شەھىرى لۇدىيەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 6.5 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. لى بىن رەھمەت ئېيتتى لى بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ماۋرىتانىيىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. لاغداف ماۋرىتانىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ ماۋرىتانىيىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر