باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بانكېمون يۈننەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

2014.08.05 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتپى بانكېمون تۆنۈگۈن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە شۇ كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە زور ئۆلۈم يېتىم بولغانلىقى، ئۆيلەر ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقىغا چوڭقۇر ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى.


  بانكېمون باياناتتا جۇڭگو ھۆكۈمىتى، يەرتەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە يارىدار بولغانلار ۋە باشقا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا چوڭقۇر ھىسداشلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بۇ ئاپەتتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ تىرىشىپ تاقابىل تۇرىدۇ ھەمدە ھەرقانداق تېگىشلىك خەلقئارا ياردەمگە ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر