باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاممىۋى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى جىددىي تەكشۈرىدۇ

2014.08.07 13:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 5-ئاۋغۇست جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدىن ئاممىۋى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە جىددىي تەشكىللەپ، ۋەقە يوشۇرۇن خەتىرىدىن كوللېكتىپ ساقلىنىپ، كوللېكتىپ تىزگىنلەپ، بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ نازارەتكە قاتنىشىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تۈرلۈك ۋەقەلەردىن تېرىشىپ ساقلىنىش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن جوڭروڭ مېتال مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىدە 2-ئاۋغۇست چاڭ-توزان سەۋەبىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم بولدى. بۇنىڭغا قارىتا ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە پائال ماسلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئەمگەك قوغداشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە تەشكىللىشى، بولۇپمۇ كۆمۈركان، خىمىيە سانائىتى، بىناكارلىق، مېتاللورگىيە، كېمىسازلىق، تىرانسپورت قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى كەسىپلەر ھەم ئەمگەك زىچ توپلاشقان، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلاردىكى يوشۇرۇن خەتەرلەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ تۈزىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر