باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لۇدىيەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 589 كىشىگە يەتتى

2014.08.07 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 6-ئاۋغۇست سائەت 10يېرىمغىچە جاۋتوڭ شەھىرىنىڭ لۇدىيەن ناھىيىسى،چاۋجيا ناھىيىسى، جاۋياڭ رايونى، يوڭشەن ناھىيىسى ۋە چۈجىڭ شەھىرىنىڭ خۈيزې ناھىيىسىدىكى 1 مىليون 88 مىڭ 400 كىشى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان؛589 كىشى قازا قىلغان.


  5-ئاۋغۇست چۈشتە ئازادلىق ئارمىيە 44-دوختۇرخانىسىنىڭ دالا ئۇرۇشى دوختۇرخانىسى خېزى ناھىيىسىدە قۇرۇلدى؛ چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قىسمى لۇدىيەن، چياۋجيا، خۇيزې قاتارلىق ئاپەت ئېغىر بولغان ئۈچ ناھىيە، لوڭتۇشەن، خودېخوڭ، شىنديەن قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق يېزا بازاردا داۋالاش قۇتقۇزۇش بىلەن مەشغۇل بولدى.


  چېڭدۇ ھەربىي رايونى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەركىزى ئاپەتتىن كېيىن ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىدىن تۆتنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ سۇ مەنبەسى سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايوندىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش،قوغداش، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىگە ماسلىشىشقا ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر