ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر چارۋىچىلارنىڭ مال–مۈلكىنى يۆتكىمەكتە
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى: 4–ئاۋغۇست، ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزا قورۇمدۇق كەنتىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، چارۋىچىلار كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئاپەتتىن كېيىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە ئاتۇش شەھىرى چېگرا مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى ئېدراڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، چارۋىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى.