6-ئاۋغۇست قاراماي شەھىرىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رېپېتىتسىيە قىلىندى
6-ئاۋغۇست قاراماي شەھىرىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رېپېتىتسىيە قىلىندى .ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن رېپېتىتسىيەگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8-ئاۋغۇست قارامايدا باشلىنىدۇ . تەڭرىتاغ تورى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى توردا بىۋاسىتە تارقىتىدۇ .