باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد ھەرىكىتىدە يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى

2014.08.07 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد ۋەزىيىتىدە يېڭى يارقىن نۇقتىلار بارىلىققا كەلدى، ئىقتىساد ھەرىكىتىدە يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىي تىز ئاشۇرۇش دولقۇنىغا خاتىمە بېرىپ، يېڭى ھەرىكەت يولىغا كىردى. ئىقتىساد ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ، پائال ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بارىلىققا كەلدى.


  1.تىز سۈرئەتتە ئېشىش گەرچە ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ئېشىش مىقدارى ئوبيېكتىپ بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى %7.4 ئاشتى. بۇ يىلقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىشانى بويىچە ھېسابلىغاندا پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى تەخمىنەن 5 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ 1994-يىلى پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىغا تەڭ كېلىدۇ. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى مال باھا سەۋىيىسى مۇقىم بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولدى، خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلاندى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلدى.


  2.تەڭشەش قىيىن بولسىمۇ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش چوڭ يۈزلىنىشكە ئايلاندى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى مەبلەغ سېلىشتىن ھالقىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2-كەسىپتىن ھالقىدى. يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپى بىلەن جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە سانائەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرىلىدى. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سەرپىياتى تۆۋەنلىدى.


  3. تەڭشەپ كونترول قىلىش مۇقىم بولغان بولسىمۇ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتى كۈچى كۈچەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان بازار ئاساسىي گەۋدىسى 5 مىليون 940 مىڭغا يېتىپ، %16.7 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 8.4 پوئىنت يۇقىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر