باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات دوكلاتىنىڭ 2014-يىللىق كۆك تاشلىق كىتابى تارقىتىلدى

2014.08.07 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى تۈزگەن جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات دوكلاتى ھەققىدىكى 2014-يىللىق كۆك تاشلىق كىتاب رەسمىي تارقىتىلدى. كۆك تاشلىق كىتابتا 2013-يىلىدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرلەش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىندى.


  كىتابتا جۇڭگو ئارزۇسىدىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق مەزمۇنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىندى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور ئەھمىيىتى نۇقتىلىق شەرھىلەندى. 2013-يىللىق جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى يەكۈنلەندى. كۆك تاشلىق كىتابنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دوكلات قىسمىدا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىك قۇرۇلۇشى، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مەھەللىلەرنى ئوڭشاش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەرزى، يېزىلاردا قالغان بالىلار ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىندى. كۆك تاشلىق كىتابتا يەنە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، 2003-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا نەشىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئەسەرلىرى رەتلىنىپ، تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر