باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى لۇدىيەن ناھىيەسىكى6.5 بال يەر تەۋرەشكە قارىتا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، نۆۋەتتە ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

لى كېچياڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەستىقىي يوليۇرۇق بەردى

2014.08.04 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاۋغۇست سائەت 16:30 ئەتراپىدا، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى لۇدىيەن ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 27.1 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 103.3 گرادۇس) 6.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومېتىر. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 3-ئاۋغۇست سائەت 20:45 ئۆتكەنگە قەدەر 150 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان، 1300 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. لۇدىيەن ناھىيەسىدىن يەر تەۋرەش مەركىزى لوڭتوۋشەن بازىرىغىچە بولغان يول گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ يول توسالغان، قىسمەن رايونلاردا ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە دەرھال مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، نۆۋەتتە ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، يارىلىنىش ۋە تالاپەتنى تىرىشىپ ئازايتىش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئاپەت ئەھۋالىنى جىددىي ئىگىلىشى، ئاممىنى خەۋپتىن قۇتۇلۇشقا تەشكىللىشى، پۈتۈن كۈچ بىلەن يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپاتتىن قۇتقۇزۇش ئىشىغا كىرىشىشى كېرەك. قالدۇق يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئەگەشمە ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر