- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركەزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە 240تىن كۆپرەك كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى
2014.08.07 13:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركەزنىڭ 33 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 2013-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئۈچ نۆۋەت تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 34 يەرلىك ۋە ئورۇننى تەكشۈردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا،تەكشۈرۈلگەن رايوندىكى 240 تىن كۆپرەك كىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە 20 ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار بار ئىكەن. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئەمەلدارلار ۋەزىپە ئۆتىگەن جايدىن قارىغاندا خېبېي ئۆلكىسىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 35 كىشى بار ئىكەن. بۇ ئەمەلدارلار ئىچىدە تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان يىپ ئۇچى بويىچە تەكشۈرۈلگەنلەر كۆپ ئىكەن.
مەركەزنىڭ ئۆتكەن يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋاقتى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان؛ 2- قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋاقتى 10-ئايدىن 1-ئايغىچە بولغان. بۇ يىل تۇنجى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان. 34 تەكشۈرۈش رايونى خۇبېي، ئىچكى موڭغۇل، چۇڭچىڭ، گۈيجۇ، جياڭشى، جىلىن، سەنشى، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، خۇنەن، بېيجىڭ، تيەنجىن ، لياۋنىڭ ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خەينەن، گەنسۇ، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق21 ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى، جۇڭگو ئاشلىق غەملەش گۇرۇھى باش شىركىتى، جۇڭگو ئىمپورت ئېكسپورت بانكىسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، سەنشيا گۇرۇھى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى،فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى قاتارلىق 13 ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يېقىندا بۇ يىلقى 2-نۆۋەتلىك تەكشۈرۈش بويىچە مەركەزنىڭ 13 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 13 يەرلىك ۋە ئورۇنغا بېرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر