باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوشېڭكۈن:زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش لازىم

2014.08.07 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت كومىسسارى، مەركىزىي سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن مەركەز خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ 1-ئاۋغۇستتىن 4-ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى ، مۇرەككەپلىكى؛تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ مۇھىملىقى ، جىددىيلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكەتلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. خەلق ئاممىسىغا تايىنىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش مۇستەھكەم موداپىئە لىنىيىسىنى بەرپا قىلىپ، زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي چەكلەپ، زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈكى بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.


  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا،5-ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىنى ئېچىپ، 28-ئىيۇل يەكەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە نۆۋەتتىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەنى ئورۇنلاشتۇرغان.


  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جىنايەتچىلەرگە ئۈزۈل كېسىل زەربە بېرىش، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشتە تەۋرەنمەسلىك لازىم. پارتىيىلىك كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى ، رەھبىرىي كادىرلار ياخشى باشلامچى بولۇشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر