- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا خېرىدار چاقىرىپ نۇرغۇن مەبلەغ كىرگۈزدى
2014.08.06 09:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالدىنقى يېرىم يىلدا خېرىدار چاقىرىپ رايون سىرتىدىن 46 مىليارد 860 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزدى، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %34 كە يەتتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەر بىلەن كەسىپتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈلدى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىكى كەسىپلەرگە سالغان مەبلىغى تېخىمۇ كۆپەيدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 300 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدە، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كەسىپ تۈرى 233 بولدى، رايون سىرتىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 35 مىليارد 582 مىليون يۈەنگە يېتىپ، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتىكى 300 نۇقتىلىق تۈرنىڭ %75.93 نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ، شاڭخەي، سەنشى، گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، جېجياڭ قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئالتە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ كەسىپتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدە مەبلەغ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، پۈتكۈل كەسىپتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نۇقتىلىق تۈرىنىڭ %80.63 نى ئىگىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر