باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار لۇدىيەندە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تىز سۈرئەتتە باشلىدى

2014.08.06 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لۇدىيەندە 6.5 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تىز سۈرئەتتە باشلىدى ھەمدە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى.يۈننەننىڭ لۇدىيەندىكى 6.5 بال يەر تەۋرەش ئاپەت ئەھۋالى ۋە دۆلەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىگە ئاساسەن، دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى تۈنۈگۈن سائەت 11 دە دۆلەتنىڭ ئاپەتنى ئازايتىش جىددىي بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسىنى بىرىنچى دەرىجىگە يۇقىرىلاتتى. مەركەز مالىيىسى يۈننەنگە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇنىۋېرسال تولۇقلىما پۇلىدىن 600 مىليون يۈەننى جىددىي ئاجراتتى.

  جاۋتوڭ شەھىرى لۇدىيەن ناھىيىسىدىكى جىنشاجياڭ دەرياسى تارمىقى بولغان نيۇلەننجاڭ دەرياسى ئېقىنىدا سۇ توسۇلۇپ قىلىش، شۇنداقلا جاۋتوڭ شەھىرى بىلەن چۈجىڭ شەھىرىدىكى 19 كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى يەر تەۋرەشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەتلىك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش باش قوماندانلىق ئورنى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش 3-دەرىجىلىك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى. دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سىچۈەن، چوڭچىڭدىن دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ داۋالاش ئەترىتىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا كېچىلەپ ئەۋەتتى. ھازىرغىچە دۆلەتلىك ، ئۆلكىلىك ، شەھەرلىك ، ناھىيىلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ سەھىيە تارماقلىرى كەسپىي خادىمدىن 1100نى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن 140 نى ئىشقا سېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا داۋالاش قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا. 4-ئاۋغۇست قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى تاشيول قاتنىشىدىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ تاشيول قاتنىشىنىڭ راۋان بولىشى،قاتناش ترانسپورت بىخەتەرلىكىنىڭ تەرتىپلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  4-ئاۋغۇست كەچتە قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى يۈننەن ئۆلكىلىك قاتناش تىرانسىپورت نازارىتىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان تاشيوللارنىڭ قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ مۇھىت خېيىم خەتىرى يوشۇرۇن ئاپىتىنى تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار ۋە ئېغىر مېتال ئىشلەپچىقىرىش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، قالدۇق رۇدا ئامبارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  سۇ مەنبەسىنىڭ سۈپىتىنى جىددىي تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم تىز ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى تىز سەپلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاممىنى سۇ بىلەن تەمىنلىشىگە ماسلىشىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ پاكىز سۇ ئېچىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە رېئاكتىپ مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يادرو ۋە رېئاكتىپ تارقىلىش بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو ھاۋا رايى ئىدارىسى تۈنۈگۈن سائەت 14 تە يەر تەۋرەش ئاپىتى ھاۋا رايى مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسنى 4-دەرىجىدىن 3-دەرىجىگە يۇقىرىلاتتى.

  ھەر كۈنى يانفون ئۇچۇرى شەكلى ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ مۇھىم ھاۋا رايى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ.تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ھازىرغىچە يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى 30 مىڭ چېدىر ، 15 مىڭ قاتلىما كارىۋات ، 29 مىڭ يوتقان، 25 مىڭدىن ئارتۇق پاختىلىق چاپان قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسىنى جىددىي يۆتكىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يۈننەن سۇغۇرتا كەسپىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە سۇغۇرتا تۆلىمى مۇلازىمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر