ئىسرائىلىيە ۋاللا ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئىچكى كابېنتى 4 – ئاۋغۇست كەچ، مىسىر تەشەببۇس قىلغان 72 سائەت شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغان. بۇ مەزگىلدە ئىسرائىلىيە قاھىرەگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۇزاق مەزگىل ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.