خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى: 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو شال تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئونسۇ شال تەجرىبە پونكىتىدا يوپۇق ئېچىلدى. ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شال ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىن كەلگەن دېھقانچىلىق تېخنىكا كېڭەيتىش خادىملىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە شىنجاڭنىڭ شال ئىشلەپچىقىرىش، سورت يېتىشتۈرۈش، كوزېر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي تەجرىبە ئالماشتۇردى.
سۈرەتتە: جۇڭگو شال تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو شال كەسىپ سىستېمىسىدىكى تۈنجى ئالىم چېڭ شىخۇا (سولدا)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى چېن تۇڭ (ئوڭدا) تەجرىبە پونكىتىدا يۇپۇق ئاچماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى