باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ كۈنشەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

2014.08.04 08:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھىرىنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى جوڭروڭ مېتال بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئاپتوموبىل بۇلىنى پارقىرىتىش سېخىدا تۈنۈگۈن سائەت 7 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا ۋەقەدە 68 كىشى قازا قىلغان، 182 كىشى يارىلانغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى،دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. ۋەقە سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش لازىم. ھازىر دەل تومۇز ۋاقتى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى مال مۈلۈكى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئاختۇرۇش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يارىلانغانلارنى ھەر خىل ئاماللار بىلەن قۇتقۇزۇش لازىم. يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككىلەمچى ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بۇ خىل ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى قەتئىي تىزگىنلەش كېرەك.

  ۋەقە يۈز بەرگەن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يوڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى نەق مەيدانغا بېرىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەشكىللىدى. ھازىر كېيىنكى خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

  دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا 264 كىشى بار بولۇپ، تۈنۈگۈن سائەت 21 گىچە 68 كىشى قازا قىلغان، 182 كىشى يارىلانغان. ھازىر يارىلانغانلارنى داۋالاش، ئائىلە تاۋاپىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋەقە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي ئىشلىنىۋېتىپتۇ.ۋەقەدىن كېيىن جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقى بويىچە، ئېغىر ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەشكىللىدى. ھازىر 182 كىشى داۋالىنىۋاتىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە 132 كىشى شاڭخەي، سۇجۇ، نەنتۇڭ، ۋۇشى قاتارلىق جايلاردىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن شىركەت ئاساسلىقى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن ۋە پىششىقلاپ ئىشلەيدىكەن؛ ۋەقە يۈز بەرگەن جاي بۇ شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل بۇلىنى پارقىرىتىش سېخىي ئىكەن. نەق مەيداننى ئېنىقلاش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، دەسلەپكى ھۆكۈمگە قارىغاندا بۇ بىر قېتىملىق ئېغىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت ۋەقەسى ئىكەن.

  ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېدى: قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېلىشتىن ئىلگىرى، يېقىن ئەتراپتىكى شىركەتلەرنىڭ كۆپلىگەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى؛ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كوچا ئاپتوبۇسىمۇ يارىلانغانلارنى توشىدى. ئەتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئارقا ئارقىدىن كۈنشەن شەھەرلىك قىزىل كىرست جەمئىيىتى قان پونكىتىغا بېرىپ قان تەقدىم قىلدى. سائەت 16 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر 323 شەھەر ئاھالىسى قان تەقدىم قىلدى. تەقدىم قىلىنغان قان بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىدىغان قان ئېھتىياجىغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر