‹‹شاڭخەي مەركىزى›› سارىيى (3 -ئاۋغۇست تارتىلغان سۈرەت)
شاڭخەيدە سېلىنىۋاتقان ئەڭ ئېگىز بىنا ــ ‹‹شاڭخەي مەركىزى›› سارىيىنىڭ ئۆگزىسىنى يېپىش قۇرۇلۇشى 3-ئاۋغۇست ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى بىلەن، 632 مېتىرلىق بۇ بىنا شاڭخەيدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا بولۇپ قالدى. بۇ، ئالتە يىلدىن بۇيان سېلىنىۋاتقان ‹‹شاڭخەي مەركىزى››نىڭ لايىھەدىكى ئېگىزلىك نۇقتىسىغا ئوڭۇشلۇق يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پىلان بويىچە، بۇ بىنانىڭ مېھمانساراي قىسمىنى بېزەشتىن باشقا قۇرۇلۇشلىرى يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ، 2015-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى تىجارەتكە كىرىشىدىكەن.