- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كۈنشەندىكى3-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىدە 71 كىشى قازا قىلدى
2014.08.05 09:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇجۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاۋغۇست سائەت 17گىچە كۈنشەن 2-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىدە 71 كىشى قازا قىلغان، 186 كىشى داۋالىنىۋېتىپتۇ. ھازىر يارىلانغانلار سەككىز شەھەردىكى 15 دوختۇرخانىدا ئىكەن. دۆلەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 دىن كۆپرەك داڭلىق مۇتەخەسسىسنى ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە ئەۋەتكەن. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى داۋاملاش تارماقلىرى ئەڭ ياخشى ئۈسكۈنە ۋە دورىنى يۆتكەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.
كۈنشەن شەھىرىنىڭ باشلىقى لۇ جۈن مۇنداق دېدى: 2-ئاۋغۇستتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 68 كىشى قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدۇق، كېيىن جەسەتلەرنى ئېنىقلاش جەريانىدا يەنە ئۈچ جەسەت تېپىلدى. لۇ جۈن مۇنداق دېدى: يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيمىز.
1. سۇجۇ شەھەرلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاخىرقى خىزمەتلەرنى ئىشلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇمىز.
2. داۋالاش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا خالىسانە قان تەقدىم قىلىش تەشەببۇسىنى تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىمىز.3-ئاۋغۇست سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر 2980 كىشى قان تەقدىم قىلدى؛ تەقدىم قىلىنغان قان 789 مىڭ 900 مىللىمېتىرغا يەتتى. ھازىر يارىلانغانلار جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا بولغانلىقتىن داۋالاشقا كېتىدىغان قان كۆپ بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ مېھرى شەپقەت يەتكۈزگۈچى زاتلارنىڭ ئاكتىپ قان تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
3.دوختۇرخانىدىكى يارىلانغانلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن،ئائىلە تاۋاپىئاتلارنى قوبۇل قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىمىز. سۇجۇ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش،داۋالاش ھەققىنى يارىلانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرى ئۈستىگە ئالمايدۇ، قان بېرىشتىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق ھەقنىمۇ يارىلانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر