باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرىدىكى يازغۇچى-شائىرلار زوراۋانلىق- تېررورلۇق ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى(1)

2014.08.05 16:48   مەنبە: خەلق تورى

قەشقەر شەھىرىدىكى يازغۇچى-شائىرلار زوراۋانلىق- تېررورلۇق ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىكى يازغۇچى-شائىرلار قەشقەر پەن-تېخىنىكا مەدەنىيەت مەيدانى يىغىن زالىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يەكەن ناھىيەسى ۋە قەشقەر شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن «28-ئىيۇل» ۋە «30-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيبلىدى.

  قەشقەردىكى يازغۇچى-شائىرلار بۇ ئىشتىن خەۋر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق غەزەبلەندى. كۆپچىلىك زوراۋان تېرروچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيبلەپ، زوراۋان تېرروچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزماقچى بولغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتكە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى، شائىر ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى مۇنداق دېدى: زوراۋان تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشى ئومۇمىي خەلقنىڭ بىردەك نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلار جۇڭگۇ خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرى مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۆنىلىشىگە ئاۋاز قوشۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ساداسىنى ياڭرىتىپ كەلدى. «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىگە نىسبەتەن، بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، قېرىنداشلىرىمىزنى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز لازىم.

  «قەشقەر گېزىتى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شائىر، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقەرى مۇنداق دېدى: مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارىشى قىلمىش. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىدىن ئادەم يىرگىنىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىمىز، دەۋەت كۈچىمىزدىن پايدىلىنىپ، ھەرمىللەت قېرىنداشلىرىمىزغا چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەقە پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپ، دۆلەتنى پارچىلاشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرشىمىز لازىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا سىياسىتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى بولىدىكەن، بۇ رەزىل كۈچلەر چوقۇم يوقىتىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى قوغدىلىپ، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز لازىم.

  «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇھەررىرى، ئاتاقلىق شائىر تۇرسۇن نىياز مۇنداق دېدى. ئۇلار بىر توپ تەلۋىلەر، ئادىمىيلىكنى يوقاتقان زوراۋانلار، ئۇلار ھەرقانداق بىر مىللەتكە ۋە دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

  قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ياش شائىر گۈلبوستان ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئادەمنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارىشى چىققانلىق. قەشقەر ھەر مىللەت خەلقى بەختىيار ياشايدىغان ياخشى ماكان. بولۇپمۇ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قەشقەرگە سالىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. قەشقەر ھازىر تارىختىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بىز بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز لازىم.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلشەن مۇنداق دېدى: قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر ئىدىيىۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ جىنايى قىلىمشىغا قەتئىي قارىشى كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارىشى تۇرۇپ، ئەيبلەشكە، قارىشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، قەلەمدىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالدىن پايدىلىنىپ، زوراۋان تېررورچىلارنى يولدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك قىلىۋېتىشىمىز لازىم. نۆۋەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىناق قەشقەر قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز لازىم.

  سۈرەتتە: ئەيبلەش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇللانغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تاۋار …
      ·بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبۇل…
      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)