باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق 9 يېزا-بازاردىكى نەچچە ئون مىڭ ئاممىنىڭ زوراۋان-تېررورلۇق شايكىسىنى قورشاپ تۇتۇش خاتىرىسى

2014.08.05 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30 نەچچە مىڭ ئامما چوڭ قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، 13 كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، 70 نەچچە ئامما تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن. 1-ئاۋغۇست سائەت 12دە، ئىلگىرى-ئاخىر كۆپ قېتىم زوراۋان-تېررورلۇق دېلوسى پىلانلىغان ۋە سادىر قىلغان ئابدۇراخمان زوراۋان-تېررورلۇق شايكىسى ئاخىرى قاراقاش ناھىيە پۇرچاقچى يېزىسى ئاياغقۇدۇق كەنتىدە بېتچىت قىلىندى.

  ئەل رايى مۇجەسسەملىگەن ئومۇمىي ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتى 19-ئىيۇل سەھەر سائەت 4تە، قاراقاش ناھىيە پۇرچاقچى يېزىسى ئاياغقۇدۇق كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى رەجەپ ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئائىلىسىدە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ توپىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئايالى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ، رەجەپ ئىسلام توپىلاڭچىلار بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئېغىر يارىلىنىدۇ. ساقچى تەرەپ نەق مەيدان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، مەزكۇر دېلو بىلەن ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىرقاتار زوراۋان-تېررورلۇق دېلولىرىنى ئابدۇراخمان زوراۋان-تېررورلۇق شايكىسىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.

  زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ۋەھشىي قىلمىشى كەڭ ئاممىنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغايدۇ. قاراقاش بازىرى، ماڭلاي يېزىسى، تۈۋەت يېزىسى، قويچى يېزىسى ۋە پۇرچاقچى يېزىسى قاتارلىق 9 يېزا-بازاردىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئامما ئۆزلۈكىدىن قوللىرىغا كالتەك-توقماق ۋە كەتمەنلەرنى ئېلىپ، قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ساقچى تەرەپ جەزملەشتۈرگەن ئۈچ نۇقتىلىق رايوندا تورسىمان تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر